گېئورگېداي ستېۋارت: «مەن شىنجاڭدا ئەركىنلىك ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندىم»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەلىك ساياھەتچى گېروگىداي ستېۋارت ئەنگلىيەدىكى «ئانخېرد» ناملىق ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىغا قىلغان ۋېلىسىپىتلىك سەپىرىدە دۇچ كەلگەن كاشىلا ۋە ئاۋارىچىلىكلىرىنى ئاشكارىلىغان.

گېئورگىداي ستېۋارتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر رايونىغا تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا بارغان بولسىمۇ، لېكىن چۆچەك چېگراسىدا 8 سائەت تۇتۇپ قېلىنىپ، تەۋەككۈلچىلىك قىلىش دەيدىغان بىر نەرسىنىڭ يوقلىغىنى ئۆگەنگەن. ئۇ ماقالىسىدە «مەن سەپىرىمنىڭ بۇ قىسمىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، شىنجاڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىلىق تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئون يىللاردىن بېرى جازالىنىپ كېلىۋاتقان يەر ئىدى. ئەمما مەن پاراكەندىچىلىكنىڭ بۇنداق ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم» دېگەن.

گېئورگېداي ستېۋارتنىڭ «مەن شىنجاڭدا ئەركىنلىك ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندىم» ناملىق ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ چۆچەككە كېلىشى بىلەنلا سوراققا تارتىلىپ، ۋېلىسىپىتى ۋە پاسپورتى تارتىۋېلىنغان. يانفونى ۋە كومپيۇتېرى چۇۋۇۋېتىلىپ، مېھمانخانا سىرتىغا چىقىشى چەكلەنگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچىلار ۋە پۇقراچە كىيىنگەن خادىملار ئۇنىڭ بىلەن 24 سائەت ئىچىدە ئاز دېگەندە 10 قېتىم «سۆھبەت» ئېلىپ بارغان. يېرىم سائەت ئىچىدە 5 قېتىم پاسپورتى تەكشۈرۈلگەن. ئۇ رايوندا مۇسۇلمانلارنى تازىلاشنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچىدە مەسچىتلەرنىڭ مۇنار ۋە ئاي يۇلتۇزلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى، بالىلارنىڭ دىنىي ئىسىم قويۇشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى، مەكتەبلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ غايىب بولغانلىقى، ھېيت نامىزى، ئۇسسۇل ئويناش، نىكاھ ۋە جىنازا مۇراسىمى دېگەندەك ئادەتلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە، ھەتتا شىمالىي كورىيەدىمۇ پۇقرالار بۇنچىلىك قاتتىق نازارەت قىلىنمايدىكەن. ئۇ يەردە ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، ساقچى تەكشۈرمىگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن پۇقرالارنى كامېرا، يۈز تونۇش ئاپپاراتى، بارماق ئىزىنى ئېلىش ماشىنىلىرىنىڭ تەقىب قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا ئۆتكەندە ھېس قىلغانلىرىنى ئۇيغۇر رايونى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «مەن ساقچى دۆلىتىنىڭ تەقىبلىشىدىن قۇتۇلغاندا نازارەت ئاخىرلاشقاندەك تۇيۇلدى. خىتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشقا بىر ئىستىبداتقا ئۇچرىمىغان ۋە پاراكەندىچىلىك ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئەنسىزلىكىدىن قۇتۇلۇش قىيىنغا توختىدى،» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت