تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، 12-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە سىياسىي ئىدىيە مائارىپى تەربىيىلەش كۇرسى» باشلانغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي ئىدىيە تەربىيىسى يېڭى بىر ۋەزىيەتكە يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ كۇرس ئارقىلىق «يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەر» بەلگىلىنىدىكەن.
كۇرستا شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان سىياسىي-ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بولۇپمۇ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇش، رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيىنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەم قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلگەن.
بۇ كۇرسقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، خەينەن، گۇيجۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىكى مائارىپ نازارەتلىرى ھەم مەكتەپلەردىن كەلگەن يۈزدىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر ۋە رەھبەرلەردىن يۇقىرىدىكى تېمىلار بويىچە تەلىم ئالىدىكەن.
بۇ يىل 6-ئايدا گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ 10 نەپەر ئوقۇغۇچىسى «تېررورلۇق» قا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. شۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى « دىنى رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدا تەربىيەلەشنى ئالاھىدە كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل 8 -ئايدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئاز كەم 3000 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەلىم تەربىيە ۋە نازارەتچىلىككە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.