خىتاي تاراتقۇلىرى شىۋېتسىيە پۇقراسى پېتىرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى
2016.01.19
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-يانۋار سەيشەنبە كۈنى تەپسىلىي خەۋەر بېرىپ، «شىۋېتسىيە پۇقراسى Peter Jesper Darling نىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە خىتاي ج خ دائىرىلىرى بىرلىكتە پاش قىلغان دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىغا چېتىلغىنى ئۈچۈن، 2016-يىل 3-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىن تۇرالغۇسىدا رېجىم ئاستىغا ئېلىنغانلىقى» نى بىلدۈردى.
خەۋەردە يەنە «پېتىر تەرىپىدىن 2009-يىلى خوڭكوڭدا قۇرۇلغان ‹خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا جىددىي ياردەم› تەشكىلاتى، چەتئەلنىڭ مەبلەغ ياردىمى بىلەن ‹كىنىشكىسى يوق ئادۋوكاتلار› نى تەربىيىلەپ، ئاز ساندىكى ئەرزدارلاردىن جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ، سەزگۈر ۋەقەلەرگە قول تىقىپ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرگەن» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.
شىۋېتسىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتىر بۇ يىل يېڭى يىل كىرىشى بىلەن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى پېتىرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق باياناتى بەرگىنىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتايدىكى شىۋېتسىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتىرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى خەلقئارادا مۇنازىرە قوزغاپ تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدىمۇ «پېتىر دارلىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىندى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشى خەلقئارا قانۇن تەشكىلاتلىرى ۋە كۆپلىگەن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. پېتىر ئىشلەۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىمۇ پېتىر دارلىڭنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دېدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.









