6-فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شىۋېتسىيە پۇقرالىقىدىكى خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش گۇي مىنخەينى قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇي مىنخەينى ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىشى ئىكەن.
گۇي مىنخەينىڭ قىزى ئانجېلا گۇي يانۋاردا دادىسىنىڭ شىۋېتسىيەلىك ئىككى دىپلوماتنىڭ ھەمراھلىقىدا شاڭخەيدىن پويىز بىلەن بېيجىڭغا كېتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇ ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىپ سورىغان سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان ئىدى.
رويتېرسنىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گۇي مىنخەينىڭ شىۋېتسىيە پۇقراسى بولسىمۇ خىتاي تەۋەسىدە قوپاللىق بىلەن قولغا ئېلىنىشى ھەققىدىكى سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ: «گۇي مىنخەي خىتاينىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغان. بۇنداق جىنايەت گۇماندارلىرى شىۋېتسىيە پۇقراسى بولسىمۇ قانۇن ئورگانلىرىمىز ئۇنى قانۇن بويىچە ئادىل بىر ياقلىق قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالستروم بۇ ھەقتىكى باياناتىدا گۇي مىنخەينىڭ قولغا ئېلىنىشىنى «ئېغىر مەسىلە» دەپ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بەكمۇ «قوپال بولغان» دېگەن. ئۇ باياناتتا: «بىز شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغان گۇي مىنخەينىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىلىشىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پاتراق ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن. گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بىز بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز باياناتنى قوبۇل قىلالمايمىز» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گۇي مىنخەي خوڭكوڭدا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خۇسۇسىي ھاياتى ھەققىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋە 2017-يىلى ئۆكتەبىردە قويۇپ بېرىلگەن.