شىۋېتسىيە خىتاينىڭ تۇتقۇندىكى شىۋېت پۇقراسىنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشىگە يول قويمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

شىۋېتسىيە خىتاينىڭ شىۋېتسىيە تەۋەلىكىدىكى خوڭكوڭلۇق نەشرىياتچى گۇي مىڭخەينىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشىگە يول قويمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇي مىڭخەي 2015‏-يىلى تايلاندتا خىتاي ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە تۇتۇلۇپ، خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن. دائىرىلەر 2017‏- يىلى 10‏-ئايدا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما گۇي مىڭخەي بۇ يىل 1‏-ئايدا ئىككى شىۋېتسىيەلىك 2 دىپلومات بىلەن خىتاينىڭ نىڭبو شەھىرىدىن پويىزدا بېيجىڭغا كېتىۋاتقاندا يەنە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالستروم پەيشەنبە كۈنى خىتاينى تەنقىدلەپ، «خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىزگە پۇقرايىمىز گۇي مىڭخەينىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشىگە يول قويۇش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى،» دېگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى «ئاساسسىز ئەيىبلەش،» دەپ رەت قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، گۇي مىڭخەينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى «ياخشى تۇرغان» لىقىنى، شىۋېتسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تەنقىدىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېڭ شۇئاڭ، گۇي مىڭخەينىڭ شىۋېتسىيەلىك دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىزنىڭ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى شىۋېتسىيە تەرەپكە يەتكۈزدۇق. شىۋېتسىيە تەرەپنىڭ ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.

ھالبۇكى، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالستروم، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر دېلونى داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز گۇي مىڭخەينىڭ شىۋېتسىيە دىپلوماتلىرى، تېببىي خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلۇشىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىپ قىزى ۋە ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىنى داۋاملىق تەلەپ قىلىمىز،» دېگەن.