شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان بىر خىتاي مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغان

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقان بىر خىتاي مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغان.

شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىدىن «گوتېبورگس پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 8-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا خىتاي مۇخبىرى چېن شۆفېينى جاسۇسلۇق گۇماندارى دەپ تۇتقان بولۇپ، ئۇنى «ئۆتكەن ئون يىلدا شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغان» دەپ ئەيىبلىگەن.

شىۋېتسىيەدىكى «خىتاي تاراتقۇسى» (KinaMedia) ناملىق مەتبۇئات ئاشكارىلىغان تەپسىلاتلاردىن قارىغاندا، چېن شۆفېي 20 يىل ئاۋۋال شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولغان، شىۋېت ئەرگە تېگىپ بىر بالىلىق بولغان. ئۇ شىۋېتسىيەدە چىقىدىغان «يېشىل پوچتا» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇ يەنە شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلغان. چېن شۆفېينىڭ باشقۇرۇشىدىكى «يېشىل پوچتا» گېزىتى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى بىرلىك سەپ بۆلۈمى بىلەن يېقىن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن. چېن شۆفېي بۇ گېزىتتىن پايدىلىنىپ، «شىنجاڭ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى» ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىنى نۇقتا قىلغان كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە بۇ گېزىت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇمبىقىنى چېلىپ، «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» گە ئائىت خەۋەرلەرنى تارقاتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى 2010-يىلى خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ بىر مۇخبىرىنى جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان. ئەگەر بۇ قېتىم 6 ئاي قاماقتا ياتقان چېن شۆفېي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلسا، شىۋېتسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە خېلى ئېغىر تەسىر يېتىدىكەن.