بىڭتۇەننىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى ئايرودرومى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ 23-فېۋرالدىكى سانىدا 22-فېۋرال قەشقەردىن ئۇچقان بوئىن ‏‏737-700 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يېڭى ئېچىلغان شىخەنزە ئايرودرومىدا توختىغاندىن كېيىن، خېنەننىڭ جېڭجۇ شەھىرىگە قاراپ ئۇچقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بىڭتۇەنگە قاراشلىق شىخەنزە گۈلباغ ئايرودرومىدا يولۇچىلار ھاۋا قاتنىشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە، شىخەنزە گۈلباغ ئايرودرومى بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى تۇنجى خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايرودرومى بولۇپ، بۇلتۇر 10-ئايدا قۇرۇلۇشنى تاماملاپ، 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە ھاۋا قاتنىشىنى باشلىغانلىقى بايان قىلىندى.

خىتاي ۋەزىيەت كۈزەتكۈچىلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى مۇستەقىل كىنەزلىك دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مەبلەغ سېلىنمىسىنى بارغانچە كۆپەيتىپ، يەرلىكنىڭ مۇنبەت زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ھىسابىغا قۇرۇلغان دېۋىزىيە، پولىكلىرىنى شەھەر قىلىپ كېڭەيتىپ، ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرى ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى كۆپەيتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىمەكتە.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org