بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىنسانلار كلون تەتقىقاتىدىكى يېڭى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2013-يىلى 15-ماي چارشەنبە كۈنى ئامېرىكادا كلون تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىئولوگىيە ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىنسانلار كلون تەتقىقاتىدىكى يېڭى نەتىجىسى «ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

تۈنۈگۈندىن باشلاپ ب ب س، ۋالل سترېت قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىدا بۇ نەتىجە ئېلان قىلىنىپ مەخسۇس خەۋەر بېرىلىشكە باشلىدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ قېتىم ئىنسانلارنى كلونلاشتا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئاممىۋى تور بېكىتى فەيسبۇكتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ يېتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قوبۇل قىلغان دوكتور ئاشتىلىقتا ئوقۇۋاتقان ئالىم پولات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىمۇ بار ئىكەن.