شۆھرەت زاكىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ باياناتىنى ئەيىبلىگەن

19-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ باياناتقا بەس-بەستە ھۇجۇم باشلىغانىدى.

25-يانۋار كۈنى خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» ئۇيغۇر رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ باياناتىنى ئەيىبلىگەن ئۇزۇن يازمىسىنى ئېلان قىلغان. شۆھرەت زاكىر بۇ ئەيبنامىسىدە مايك پامپېيونى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، خىتاينىڭ شىنجاڭنى تۈزەش سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى، خەلقئارا نىزامغا خىلاپلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قارا سۈركىدى» دەپ ئەيلىگەن ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۆھرەت زاكىر بۇ ئەيبنامىسىدە يەنە خىتاينىڭ سىياسىتىنى ماختاپ، «بىر قولدا تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، بىر قولدا تېررورلۇقتىن ساقلىنىۋاتقانلىقى، 4 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەنلىكى، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، مەجبۇرىي مائارىپنى پۈتۈن رايوندا ئومۇملاشتۇرغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە شاھىت بولغانلىقى…» دېگەندەك كونا قېلىپتىكى يالغان دوكلاتلارنى، مايك پومپېيونىڭ باياناتىغا قارشى ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ يالغان دوكلاتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. ئۇنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» دېگىنى خىتاينىڭ يەنىلا بۇ قالپاقنى باھانە قىلىۋاتقانلىقىنى، «نامراتلارنى يۆلەش» دېگىنى كەڭ-كۆلەملىك قۇل ئەمگەكنى راۋاجلاندۇرغانلىقىنى، «مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇردۇق» دېگىنى ياش-ئۆسمۈرلەرنى خىتايچە مائارىپقا مەھكۇم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دىنىي ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق دېگىنى تېخىمۇ كۈلكىلىك. باشقا دۆلەتتىن كەلگەن ئەلچىلەر بولسا خىتايغا شېرىك دۆلەتتىن بارغانلار. مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشى دەل جايىدا بېرىلگەن ھۆكۈم، شۇنداق خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىغا بېرىلگەن ئەجەللىك زەربە بولۇپ، ئەگەر غەربتىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىسا، خىتاينىڭ سېسىق نامى دۇنياغا مەشھۇر بولىدۇ ۋە ئۆز ۋاقتىكى ناتسىست گېرمانىيەسىگە ئوخشاش لەنەتكە قالىدۇ.