شۆھرەت زاكىر بۇ يىل جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارغا «دۆلەت تىلى» ۋە «ئەمگەك ماھارەت تەربىيەسى» نىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.02.01

خەلقارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەردە «دۆلەت ئورتاق تىلى» ۋە «ئەمگەك ماھارەت تەربىيەسى» نى كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپوتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ 1-فېۋرال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نوۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، ھۆكۈمەت «بۇ يىل جەنۇبتىكى بىر ئوبلاست 3 ۋىلايەتتىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا قارىتا دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە ئەمگەك ماھارەت تەربىيەسىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇدىكەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىدە نۇرغۇن خىتاي مىكرو كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر-دېھقان چارۋىچىلىرىنى بۇ كارخانىلاردا ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى سۇپىتىدە مەجبۇرىي ئىشلىتىشكە باشلىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدىكى بۇ پروگراممىسىدا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلىرىنىڭ ئائىلە ئىگىلىكى ۋەيران بولۇپ، بۇ كارخانىلارغا باغلىق مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلانغان.

بۇنىڭ بىلەن غەرب ئەللىرىدە بۇ كارخانىلاردا ئىشلەپچىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ھەركىتى قوزغىلىپ، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن ئىدى. شوھرەت زاكىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2025-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇپۇسنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنىڭ 60 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلىدىكەن. ئۇ قەشقەر بىلەن غۇلجانى مەركەز قىلغان شەھەرلىشىشنىڭ چېگرا بويىدىكى رايونلارغا قاراپ كېڭەيتىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىل يەنە 200 مىليون خىتاي ساياھەتچى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.