خىتاي شۆھرەت زاكىرنىڭ ئورنىغا ئەركىن تۇنىيازنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، شۆھرەت زاكىرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا ئەركىن تۇنىيازنى رەئىس قىلىپ تەيىنلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى 30-سېنتەبىر شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنى مۇۋەققەت رەئىس قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ھاكىمىيىتىدە ئىستېپا بېرىش ئەنئەنىسى بولمىسىمۇ، بىراق دائىرىلەر شۆھرەت زاكىرنىڭ «ئىستېپا» بەرگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما نېمە ئۈچۈن «ئىستېپا» بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن. شۆھرەت زاكىر خىتاي ھۆكۈمىتى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي، نوپۇسىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلىغان، ئۇيغۇر ئېلىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشقا كىرىشكەن قورقۇنچلۇق بىر دەۋردە ۋەزىپە ئ‍ۆتەپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشىغا ئاكتىپ ھەمكارلاشقانىدى.

شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىستېپا بېرىپ، ئەركىن تۇنىيازنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىككە تەيىنلىنىشى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەركىن تۇنىياز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى ئەسەبىيلىك بىلەن قوغداشتا، بولۇپمۇ تەنقىدچىلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى، دەپ كەلگەن، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى رادىكاللىقنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان «كەسپىي تەربىيە ئورۇنلىرى» دەپ تونۇشتۇرغان لاگېرلارنى ئاقلاشتا دىققەت قوزغىغانىكەن.

بۇ يىل 59 ياشلىق ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇلۇق بولۇپ، 1983-يىلى «سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى» نى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1983-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا پارتىيەگە كىرگەن ئىكەن. ئەركىن تۇنىياز 2016-يىلى خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇنى باشلىنىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى.