قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ تېخىچە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەمەسلىكى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.10.12

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئانالىزچىلار مەزكۇر يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ تولۇقلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېخىچە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ياكى كاندىدات ئەزاسى ئەمەسكەن.

بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ 1955-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن رەئىسلىرىنىڭ سىياسىي ئورنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا روشەن پەرقنى ھاسىل قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن رەئىسلەر ئىچىدە سەيپىدىن ئەزىزى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەئىسلەر ئىزچىل ھالدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ياكى كاندىدات ئەزاسى بولۇپ كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، شۆھرەت زاكىرغا تېخىچە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ياكى كاندىدات ئەزاسىلىق سىياسىي سالاھىيەتنىڭ بېرىلمىگەنلىكى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر قورچاق رەئىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.