ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تا ئاكتىپ رول ئويناش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېمبارگو قويۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6-ئىيۇن بېيجىڭدا چاقىرىلغان بىر خەلقئارالىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەن. بۇ شۆھرەت زاكىرنىڭ 2021-يىلى 9-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم بىر خەلقئارالىق سەھنىدە پەيدا بولۇشىدۇر. شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 2021-يىلى 12-ئايدا ئۇنىڭ ئىسمى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان خىتاي ئەمەلدارلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. يەنى ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان 4 خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى بولغان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شۆھرەت زاكىر 6-ئىيۇن بېيجىڭدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئارقىلىق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاينىڭ شۆھرەت زاكىرنى تۇيۇقسىز بىر خەلقئارالىق يىغىندا سۆزلەشكە چىقىرىشىدىكى كونكرېت سەۋەبى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى رەت قىلىشتا ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، شۆھرەت زاكىر يىغىندا خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىزچىل تەرەققىيات توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. «خىتاي خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، 10 كۈنلۈك بۇ يىغىندا كامبودژا، گۇيانا، ھوندۇراس، كىرىباتى، لائوس، مالدىۋې، نىگېرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، سۇرىنام، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاي ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ لايىھەلەرنى رەت قىلىشتا يۇقىرىقىدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ياكى دىكتاتور ئەللەردىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
