شىنخۋا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 30-ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ جىددىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇنىڭ كومپارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۈ سەيخۇنىڭ ئېغىر پارىخورلۇق دېلوسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارمىقىدىكى ھەربىي ئىشلار بويىچە تەپتىش ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.
بۇ خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇرۇسى بۇ يىل 15-مارتتا شۈ سەيخۇنىڭ پارىخورلۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش قارارىنى چىقارغاندىن بۇيان مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەر ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شۈ سەيخۇنىڭ پارىخورلۇق مەسىلىسى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي ھوقۇقى مەركەزلەشكەن مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىكى ئەڭ زور پارىخورلۇق دېلوسى ھېسابلىنىدىكەن.
