شۆھرەت زاكىرنىڭ قەشقەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان

خىتايچە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يېقىندا قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغاندا، قەشقەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەرەققىيات قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.
شۆھرەت زاكىر بۇ زىيارىتىدە «شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نەمۇنىچىسى»، تاجىك مىللىتىدىن بولغان لاچىن بايقانىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىغان، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە سېلىنغان ئايرودرومنى ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
شۆھرەت زاكىر بۇ قېتىم قەشقەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە تاشقورغان ئايرودرومى ۋە خىتاي-پاكىستان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تاشيول، تۆمۈر يول، ھاۋا يولى بىرلەشكەن زامانىۋى قاتناش تورى بەرپا قىلىپ، قەشقەرنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىقتىساد بەلۋېغىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان، ئېچىۋېتىلگەن ھەم زامانىۋىلاشقان ۋىلايەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شۆھرەت زاكىر ئوتتۇرىغا قويغان پىلانلار خىتاينىڭ قەشقەرنى مەركەز قىلىپ، پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا تۇتىشىدىغان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. خىتاينىڭ قەشقەرنى قانداقتۇر ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندۇرماقچى بولۇشى ئەمەلىيەتتە بۇ جاينى ھەقىقىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىلگەن، خىتايلاشقان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن.