مىسىر ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان سىدىقۇللا نۇرمەمەت قويۇپ بېرىلگەن
2019.10.28
ئۆتكەن ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلىپ، مىسىرنىڭ قاھىرە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان سىدىقۇللا نۇرمەمەتنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. سىدىقۇللا نۇرمەمەت 23-ئۆكتەبىر قاھىرەدىن ئۇچۇپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددىي شەھىرىگە قونغاندا، چېگرىدىن كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇ، شۇ كۈنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىلىپ، قاھىرە ئايرودرومىغا قايتىپ كەلگەندە تۇتۇپ قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ قاھىرەدە تۇتۇپ قېلىنىشى ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا، سىدىقۇللا خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلەمدۇ؟ دېگەن ئەندىشە قوزغىغانىدى. لېكىن ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ 27-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەكشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، ئۇنىڭ 3 ئايلىق مىسىردا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. لېكىن، ئۇنىڭ 3 ئايدىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 7-ئايدا مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىمىغان. 1989-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان سىدىقۇللاھ نۇرمەمەت 2014-يىلى مىسىرغا كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ 2017-يىلدىكى تۇتقۇندىن كېيىن مىسىردا يوشۇرۇنۇپ ياشاۋاتقانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، سىدىقۇللانىڭ بۇ قېتىم قاھىرە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنىشىغا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئارىلاشقان. ئۇ ئىلگىرى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تېلېفون ئارىلىق بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئايرودرومغا قونغاندا سەئۇدى تاموژنا خادىمى ئۇنىڭ بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىر قېتىم كەلگەنلىكى، شۇنىڭ ئۇنىڭ خىتايغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەئۇدىغا كىرىشىنى رەت قىلغان ۋە قاھىرەگە قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇنىڭ قاھىرە ئايرودرومىغا چۈشۈپلا سەئۇدىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەنىدى. ئۇنىڭ سەئۇدىدىكى تاغىسىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، سىدىقۇللا يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.