دائىرىلەر زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى باشقۇرۇشقا ئەۋەتمەكچىكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سەپەرۋەر قىلىنغان زور تۈركۈمدىكى ئاساسىي مائارىپ خادىملىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشكە باشلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكە - شەھەرلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئۇزىتىش مۇراسىمى 15 - ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن مەزكۇر مۇراسىمغا قاتنىشىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈك» بىلەن خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

جاڭ چۈنشيەن يەنە ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئويناش، بىللە ئۆسۈپ - يېتىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگە «بەشنى تونۇش» بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشنى تەۋسىيە قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكە - شەھەرلىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» 2000 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 2700 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە مەسئۇل خادىم ئۇلارنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردا «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تېخىمۇ زور تۈركۈمدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە مەسئۇل خادىملارنى تەشكىللەپ، «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دىكى ئوقۇغۇچىلارنى كونترول قىلىشقا مەجبۇر قىلغان، دەپ قارىماقتا.