ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىتايدىكى بىر قىسىم ئىستىخبارات شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بىر-بىرلەپ ئۈزۈشى غۇلغۇلا قوزغاشقا باشلىدى. چۈنكى خىتايدىكى بۇ شىركەتلەر بىردەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان گۇرۇھلار ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئىيۇندىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى «كېدا» شىركىتى مۇشۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» دە كۆپلەپ قوللىنىلىۋاتقان ئاۋاز تونۇش سىستېمىسى دەل مۇشۇ شىركەتنىڭ خاس مەھسۇلاتى ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بەزى تەتقىقات ۋە تەجرىبە خىزمەتلىرى ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئىشلەنگەن ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە «كېدا» شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەققىدە پىكىر قىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە «بىزنىڭ تەتقىقات ھەمكارلىقىمىز بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىشىدىغان بولغاچقا بىز بۇ ھەقتە سۆز قىلالمايمىز. ئەمما سىزگە شۇنى ئېيتىمىزكى، بىز تەقلىدىي ئەقىل ئارقىلىق گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلغانمىز،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «كېدا» شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسى» خىتايدىكى بارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدا جىنايەتچىلەرنى پاش قىلىش ئۈچۈن كۆپلەپ قوللىنىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە تۇتقۇن ھەرىكىتىدە چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلۈپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرگە ياردەم فوندى تەقدىم قىلىش مەسىلىسى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش چۇقانلىرىغا سەۋەب بولغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا خۇاۋېي قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىنى بىخەتەرلىك ئۈچۈن تەھدىت، دەپ جاكارلىغاندىن بۇيان ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلېي شۆبىسى قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ خۇاۋېي، جوڭشىڭ قاتارلىق بىر قىسىم داڭلىق خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ «كېدا» شىركىتى بىلەن تەتقىقات توختامىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىدە بولماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت