چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مۇنازىرە قوزغىغان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى چەتئەلدە ئوقۇپ قايتقانلار ۋە نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارنىڭ «ۋەكىللىرى» نى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئاتالمىش «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» تىكى ئىپادىسىنى ئالغان.
يىغىنغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەكبەر تۇرغۇن رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن چەتئەلدە ئوقۇغان ۋە نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارنىڭمۇ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلىتىۋاتقان شوئارلارنىڭ بىرى «ئۈچنى سويۇشۇش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» بولۇپ، بۇلار «پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، دۆلەتنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنى قىزىغىن سۆيۈش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش» قاتارلىقنى كۆرسىتىدۇ.
11-مايدىكى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغانلاردىن تارتىپ، ئىپادە بىلدۈرگەنلەرگىچە بولغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
يىغىندا سۆز قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھاجىرلار ئىشخانىسى مۇدىرى ئەسەت ھوشۇر ئىپادە بىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى قېنىغا، كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر قاتلىمىغىچە سىڭدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىلى ئىنستىتۇتى دوتسېنتى ئەنۋەر روزى ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ، «‹ئۈچ خىل كۈچ› نىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ۋە قەبىھ نىيىتى ئېچىپ تاشلايدىغانلى» قىنى بىلدۈرگەن.
چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ھەر ساھە ئۇيغۇرلىرىنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئۇلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» نى سۆكۈشكە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «مېھرى شەپىقىنى مەدھىيىلەش» كە ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا تۈركىيە، مىسىر، ھەتتا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى دەلىللەنگەن. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر قىسىم تونۇشلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتا-قايتماي تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.