ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى: خىتاي ئاسىيادىكى بىردىن بىر سىياسىي رەقىبىمىز
2016.02.04
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن Seth Moulton سەيشەنبە كۈنى ئاتلانتىك مەسلىھەتچىلىرى ناملىق تەتقىقات ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.
ئۇ نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ ھېلىمۇ دۇنياۋى بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى، بۇ ئورۇننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە بۇنىڭغا دۇنيانىڭ ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇت ۋە نامزات رەقىبلىرىنى تىلغا ئېلىپ كېلىپ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى دۈشمەن دەپ ئاتىغان؛ خىتاينى بولسا شەرقى ئاسىيادىكى بىردىن بىر سىياسىي رەقىب دەپ تەرىپلىگەن.
خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مولتون ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە تەيۋەندىن ئىبارەت بۇ كونا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەن.
بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن مولتون ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسەت شتاتىدىن سايلانغان دېموكراتچى مەجلىس ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يەنى 2003-2008-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.









