دائىرىلەر كېلەر يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي شەرت قويغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئالدىنقى ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن 4000 نەپەر ستۇدېنتنى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە داۋاملىق تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر» گە ئەۋەتىلىپ داۋاملىق تەربىيەلىنىدىغان ستۇدېنتلارنى تاللاشتا ئۇلارنىڭ كەسپىي بىلىم سەۋىيەسىدىن باشقا يەنە، سىياسىي-ئىدىيە ئەھۋالىغا ئالاھىدە شەرت قويۇلىدىكەن. بولۇپمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «جۇڭگونى ۋەتىنىم دەپ تونۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنى تونۇش» ۋە «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش» تىن ئىبارەت «بەشنى تونۇش» نى ئالاھىدە سىياسىي ئۆلچەم قىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدىيەسىنى قىزىللاشتۇرۇش ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاتالمىش «داۋاملىق تەربىيە» ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.