بېلارۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار رايونى بازا قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.04.28

بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي دائىرىلىرى بېلارۇسىيەنى «خىتاينىڭ ياۋروپاغا چىقىشىدىكى كۆزنەك» دەپ تەسۋىرلىمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغان «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» ناملىق قۇرۇلۇشىدا بېلارۇسىيە ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋېتىپتۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتاي بىلەن بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ -بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار رايونىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يول قاتنىشى خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ياۋروپا بىلەن بولىدىغان سودا پائالىيىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار تەرەپ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «بېلارۇسىيەدىكى ‹بۈيۈك تاش سانائەت باغچىسى› قۇرۇلۇشى تاماملانسا شىنجاڭدىكى سودىگەرلەرگىمۇ بىر چوڭ بازار ئېچىلىدۇ» دېگەن.

«بېلارۇسىيە خەۋەرلىرى» گېزىتى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار رايونىدا خەلق پۇلى بىلەن بېلارۇسىيە رۇبلىسىنى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسىدە ئورتاق پۇل سۈپىتىدە قوللىنىش ھەققىدە مۇزاكىرە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەندە بېلارۇسىيە تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان يۈك قاتنىشى ترانسپورتىدا قازاقىستان تەۋەسىدىكى قاتناش يوللىرىدىن پايدىلىنىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي بىلەن بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتناش يوللىرىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق سۆھبەتلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.