باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون مەركىزى يېقىندا سابىق سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1936-يىلى چىقارغان ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر بىر پارچە مۇتلەق مەخپىي ھۆججىتىنى رۇسچىدىن ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان.
مەزكۇر ھۆججەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قۇمۇل ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە سودا دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقى ھەمدە بۇ جايلاردىكى سوۋېت سودا ۋاكالەتچىلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھۆججەتتە يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىقىدىكى سوۋسىنتورگ شىركىتىنىڭ قۇمۇل ۋە ئاقسۇ رايونىدا مال ساقلاش ئىسكىلاتلىرى قۇرۇش توغرىلىقمۇ قارار ئېلىنغان.
مەلۇمكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1930-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى كۆپرەك ئىلى، تارباغاي، ئالتاي ۋە قەشقەر قاتارلىق چېگرا ۋىلايەتلىرىگە مەركەزلەشكەن ئىدى.
تارىخشۇناسلار، مەزكۇر ھۆججەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قۇمۇل ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىمۇ سودا چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.