ۋىلسون مەركىزى موسكۋانىڭ 1947-يىلى غۇلجا ھۆكۈمىتىنى قايتا قوللاشقا ئائىت ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكادىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ماتېرىياللىرى قاتارىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 1947-يىلى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىشلىرىغا قايتىدىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەخسۇس خادىملىرىنى ئەۋەتىش قارارىغا ئائىت بىر پارچە ھۆججىتى ئورۇن ئالغان.

بۇ ھۆججەت مەزكۇر قارارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان خادىملارنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولغان ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنفورماتسىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پىيوتىر فېدوتوۋنىڭ مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى ۋىچىسلاۋ مولوتوۋقا

ئەۋەتكەن 1947-يىلى، 10-سېنتەبىر كۈنىدىكى مەخپىي تېلېگراممىسىدۇر.

بۇ تېلېگراممىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فېدوتوۋ «شىنجاڭدا تەشكىلى ئىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن» گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ ئېگناروۋنىڭ 1945-1946-يىللىرى غۇلجا ئاھالىسىنىڭ خىتايغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە سۆھبەتلىرىنىڭ سىياسىي تاكتىكىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، ئۇنىڭ «شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ۋە ئادەملەرنى ياخشى بىلىدىغان، رازۋېدكا ۋە ھەربىي مەسىلىلەردە تەجرىبىلىك ئىكەنلىكى»نى چۈشەندۈرگەن

فېدوتوۋ يەنە گېنېرال ئېگناروۋقا مۇئاۋىن سۈپىتىدە پولكوۋنىك پېتىر شىبايېۋنى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يىراق شەرق بۆلۈمىنىڭ باشلىقىنى ئەۋەتىشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ كىشى ئىلگىرى ئېگناروۋ بىلەن بىرگە غۇلجادا ئىشلىگەن خادىم ئىدى.

ئۇ يەنە ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ سېكرېتارى ئوسمان يۈسۈپوۋنىڭ ئۆزبېكلەردىن 15-20 غىچە ئادەمنى تاللاپ،يەرلىك مىللەت كىشىلىرى قىياپىتىدە غۇلجاغا ئەۋەتىشى، بۇ كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مەخپىي قورال توشۇش ۋە توشۇلغان قوراللارنى نازارى قىلىش بولۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ مەزكۇر قارارى 1947-يىلى 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدىن غۇلجاغا كەتكەن ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، گومىنداڭ بىلەن غۇلجا ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى ۋەزىيەت قايتىدىن جىددىيلەشكەن پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.