ۋىلسون مەركىزى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1938-يىلى قۇمۇلدا قىزىل ئارمىيەنىڭ بىر ئاتلىق پولكىنى تۇرغۇزۇش ھەققىدە چىقارغان مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارا قىلغان
2016.12.03
باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1938-يىلى 10-يانۋار كۈنى چىقارغان بىر پارچە مۇتلەق مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارا قىلغان.
مەزكۇر ھۆججەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى ن ك ۋ د، يەنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىغا ئالاھىدە كۆرسەتمە بېرىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ بىر ئاتلىق پولكىنى قۇمۇلدا تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.
ھۆججەتتە مەزكۇر ئاتلىق پولكنىڭ جەمئىي 1570 ئەسكەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا 1025 تۇياق جەڭ ئېتىنىڭ سەپلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر ئاتلىق پولكنىڭ يەنە سوۋېت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر قىرغۇچى ئايرۇپىلان ئىسكادرونى بىلەن مەلۇم ساندىكى تانكا، برىنوۋىك ماشىنا ۋە ترانسىپورت ئاپتوموبىللار بىلەن كۈچەيتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي فورمىسىنى ئەمەس، بەلكى شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنىڭ ئەسكىرىي فورمىسىنى كىيىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن مەزكۇر ئاتلىق پولكى 1938-يىلىدىن تاكى 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر قۇمۇلدا بازا قۇرۇپ، جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرغان.
تارىخچىلار، مەزكۇر ھۆججەت سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 1930-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان ھەربىي ۋە گېئو-سىياسىي ئىستېراتېگىيەسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىماقتا.









