ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىدىكى موسكۋانىڭ 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش پلانىغا ئائىت ئۈچ پارچە مەخپىي ھۆججىتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.12.05

ئامېرىكىدىكى ۋوئودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئىچىدىكى 1934-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىغا ئائىت ئارخىپلار ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1940-1943-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش ۋە ئېلىشقا ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ مۇھىملىرى موسكۋانىڭ 1940-يىلى شېڭ شىسەي بىلەن قەلەي كانلىرىنى ئېچىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قەلەي كانلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش پائالىيەتلىرىگە ئائىت ھۆججەتلەردۇر.

بۇنداق سوۋېت ئارخىپلىرىدىن بىرى سوۋېت كوممۇنىسلار پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيوروسىنىڭ 1940-يىلى 26-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى يىغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قەلەي ۋە باشقا قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ھەققىدە شېڭ شىسەي بىلەن 50 يىللىق كېلىشىم تۈزۈشنى ۋە كېلىشىم لايىھىسىنى تەييارلاشقا سوۋېت ئىتتىپاقى رەڭلىك مېتال كومىسسارىياتى مەسۇل بولۇشنى بەلگىلەشكە ئائىت قارارىدۇر.

قاراردا يەنە مەخسۇس «شىنجاڭدا قەلەي ۋە باشقا كەم ئۇچرايدىغان يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش، قېزىش» قاتارلىق ئىشلارغا ئائىت بىر باشقارما قۇرۇش، ئۇنىڭغا مەسۇل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە شۇنداقلا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلى باكۇلىننى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەيىنلەش كۆرسىتىلگەن.

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىدىكى ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ۋە رۇسچە كوپىيىسى بار يەنە بىر مەخپىي سوۋېت ئارخىپى سىياسىي بىيورونىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى رەڭلىك مېتال خەلق كومىسسارىياتنىڭ 1941-يىلى، 7-مارت كۈنى تەييارلىغان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق ئىش پلانلىرىغا ئائىت بولۇپ، بۇ پىلاندا بۆرتالا، ئالتاي، غۇلجا، قەشقەر، خوتەن، ياركەنت قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بارلىق تەكشۈرۈش پلانلىرى، چىقىم ۋە باشقا تەپسىلاتلار كۆرسىتىلگەن.

ئارخىپ ئامبىرىدا يەنە سوۋېت سىياسىي بىيوروسىنىڭ 1941-يىلى، 7-مارت كۈنى يۇقىرقى پىلاننى تەستىقلاپ چىقارغان قارارى ئورۇن ئالغان بولۇپ، سىياسىي بىيورو ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا يەبە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە، ئىچكى ئىشلار، ئېلېكتىر سانائىتى، تاشقى سودا، سانائەت بانكىسى قاتارلىق كومىسسارىياتلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قىسىملىرىنىڭ ئىچكى دەريا پىلوتى، ھاۋا قىسىملىرى، ئىچكى ئىشلار قوشۇنىدىن كۈچ ئاجرىتىشنى قارار قىلغان.

بىر قىسىم رۇس تارىخچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1941-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئاستى بايلىقلىرى،جۈملىدىن ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئۇران قاتارلىق بايلىقلارنى تەكشۈرۈپ ۋە قېزىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.