بېرىيانىڭ ستالىنغا بەرگەن ئىزاھاتىدىكى ئەلىخان تۆرە تىلغا ئالغان ئىككى شەخسنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-12-12
Share


ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى تارىخىغا ئائىت ئارخىپلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934 - 1949 - يىللىرىدىكى «شىنجاڭ سىياسىتى»گە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلىرى قاتارىغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ 1945 - يىل، 22 - ئاپرىل كۈنى ستالىنغا يازغان مەكتۇپىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى مارشال لاۋرېنتى بېرىيا تەرىپىدىن ستالىنغا ئەۋەتىلىش مەلۇماتى ۋە خەتتە تىلغا ئېلىنغان ئىككى نەپەر سوۋېت خادىمى ھەققىدىكى ئىزاھاتىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەت ئورۇن ئالغان.

ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى ل.بېرىيا ئەلىخان تۆرىنىڭ خېتى يېزىلىپ،19 كۈندىن كېيىن، يەنى، 1945 - يىلى، 11 - ماي كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن ج. ستالىن ۋە ۋ.مولوتوۋقا بۇ خەتنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن ھەمدە خەت ھەققىدە ئىزاھات بەرگەن.

11 - ماي كۈنىدىكى «ن 536. ب» نومۇرلۇق «يۇقىرى دەرىجىدە مەخپىي» دەپ كۆرسىتىلگەن مەلۇماتتا، بېرىيا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ خېتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى خادىملىرى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن سىرت يەنە خەتتە تىلغا ئالغان پېتر ئاندرېيىۋىچ بىلەن ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنى «بىزنىڭ خادىملىرىمىز» دەپ ئىزاھلىغان. يەنى، ئۇلارنىڭ ن ك ۋ د خادىملىرى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

22 - ئاپرىل كۈنى ئەلىخان تۆرە ستالىنغا يوللىغان خېتىدە ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ئارزۇ - تىلەكلىرىنى پېتر ئاندرېيىچ بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق ستالىنغا ئەۋەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزلىرىگە ياردەم كۆرسىتىپ كەلگەن ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنىڭ تېزراق غۇلجىغا قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1917 - 1960 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىخەتەرلىك ساھەسى تارىخىغا ئائىت، ئاكادېمىك ئا.ن ياكوۋلېۋنىڭ مەسئۇللىقىدا موسكۋادا نەشىر قىلىنغان «لۇبىيانكا» ماۋزۇلۇق كىتابتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پېتر ئاندرېيېۋىچنىڭ فامىلىسى شبايېۋ بولۇپ، پېتر ئاندرېيېۋىچ شبايېۋ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت ئىچكى ئىشلار خەلق كومسسارىياتى - دۆلەت بىخەتەرلىك خەلق كومىسسارىياتى )ن ك ۋ د - ن ك گ ب ( غۇلجىغا ئەۋەتكەن مەخپىي خادىملارنىڭ بىرى. ن ك گ ب پودپولكوۋنىكى بولۇپ، كېيىنرەك پولكوۋنىك بولغان، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرجىلىك تاشقى رازۋېتكا ئەمەلدارى سۈپىتدە خىزمەت قىلغان ئىدى.

ۋلادىمىر ستېپانوۋىچنىڭ فامىلىسى ئېگناروۋ بولۇپ، ئۇ سوۋېت ن ك ۋ د گېنېرال مايورى ۋە ئۇيغۇر دىياردىكى مىللىي ئازادلىق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە ۋەزىپىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرجىلىك ۋەكىلى ئىدى. ئۇ، غۇلجىدىن قايتقاندىن كېيىن تۈركمەنىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئۇ، 1950 - يىللاردا نىكىتا خرۇشېۋ تەرىپىدىن جازالىنىپ، پاگونلىرى ئېلىپ تاشلانغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت