ئارتاش سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا
2020.06.03
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان «شىنجاڭدىكى سەنشيا قۇرۇلۇشى» دەپ ماختاپ كەلگەن ئارتاش سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق دامبا قۇرۇلۇشى بەش يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق يېقىندا پۈتكەن ھەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 11 مىليارد سوم (تەخمىنەن 1. 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىنغان ئارتاش سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوسراب يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، زەرەپشان دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىغا سېلىنغان زور قۇرۇلۇش ئىكەن. دامبا تېمىنىڭ ئېگىزلىكى 164 مېتىرغا يېتىدىغان بۇ سۇ ئامبىرى ھەققىدە خەۋەردە «بۇ سۇ ئامبىرى كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇغىرىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ،» دېيىلگەن.
ھالبۇكى، بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ زەرەپشان دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىنى قاق ئوتتۇرىدىن بوغۇپ ياسىلىشىغا قارىتا مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ بۇنىڭ ياسىلىشىدىكى «كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىپ شىنجاڭغا بەخت يارىتىش» تەشۋىقاتىنى رەت قىلغۇچىلار بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مۇددىئانىڭ سۇ مەنبەسىنى كونترول قىلىش ھەمدە توك چىقىرىپ خىتاي ئۆلكىلىرىنى قامداش ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق زور قۇرۇلۇشنى قىلىپ باقمىغان. بۇ قېتىممۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارزۇلىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان،» دېدى.