ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «دېموكراتىيە ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى» 9-دېكابىر كۈنى، رەسمىي باشلاندى.
خەلقئارادا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى، ئەركىن ۋە ئادىل سايلام سىسىتېمىىسىنى قوغداشنى ۋە بۇ جەھەتتىكى يېڭى تەشەببۇسلارنى ئېلان قىلىشنى پىلانلانغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا پرېزىدېنت جوۋ بايدىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېموكراتىيە، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنىڭ سىجىل ۋە قورقۇنچلۇق خىرىس ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دېموكراتىيەنى چوڭقۇر تەشەببۇس قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقىنى ئېيتتى.
جوۋ بايدېن نۇتقىدا دېموكراتىيەنىڭ بىر كېچىدىلا پەيدا بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ داۋاملىق نازارەت قىلىشقا، قوغداشقا ۋە تاكاممۇلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيە غايىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ غورۇرى ۋە ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ياشاش ئارزۇسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ داۋاملىق بۇ يۆنىلىشنى قوغداشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەسلىدە بۇ يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا ئامېرىكا – خىتاي ئارىسىدا بىر مەيدان سۈركۈلۈشكە سەۋەب بولغان ئىدى. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە شۇنى ياقىلايدىغان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىنغان بۇ يىغىنغا خىتاي ۋە روسىيە تەكلىپ قىلىنمىغان، ئەمما تەيۋەن تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولۇپ، بايانات ئېلان قىلىپ بىر ياقتىن ئامېرىكانى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىسە يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭمۇ دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ مەسخىرىگە قالغان.
س ن ن، ب ب س ۋە ئەلجەزىرە قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا «خىتاي ۋە روسىيە بايدىننىڭ دېموكراتىيە مۇنبىرىغا ھۇجۇم قىلدى»، «مۇنبەر ئالدىدا خىتاي بىزمۇ دېموكراتىك دۆلەت ئىدۇق، دېدى» دېگەندەك تېمىلاردا خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.
خىتاي تەكلىپ قىلىنمىغان مەزكۇر خەلقئارالىق مۇنبەرگە بولسا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادوۋكات ۋە پائالىيەتچى رەيھان ئەسەت پرېزىدېنت بايدېننىڭ تەكلىپى بويىچە قاتنىشىپ سۆز قىلدى. بۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى تەپسىلى خەۋەرلەر سەھىپىمىزدە ئاڭلايسىلەر.
