خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختىزارلىقلارنى «سۈنئىي ئەقىل» ئارقىلىق كونترول قىلىشنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بۇنىڭغا 1990-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان خىتاي ياشلىرىنى جەلپ قىلماقتىكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 14-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە، «تېخنىكىغا تايىنىدىغان بۇ خىل ياشلارنىڭ پاختا تېرىش ئۇستىلىرىغا ئايلانغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكانىڭ ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش تىزىملىكىدىكى ئاساسلىق بۇيۇملارنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ رايوندىكى پاختىزارلىقلارنى «سۈنئىي ئەقىل» ئارقىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى ۋە خىتاي ياشلىرىنى بۇ ساھەلەرگە جەلپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە 3 مىڭ مو كېۋەزلىكنى باشقۇرۇۋاتقان ئىككى خىتاي ياشنىڭ ئىش-ئىزى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇ ئىككىيلەننىڭ «گۇاڭجو جىفېي پېن-تېخنىكا چەكلىك ھەسسىدارلىق شركىتى» نىڭ 2021-يىلدىن باشلاپ لوپنۇر ناھىيەسىدە يولغا قويغان 3000 مو كېۋەزلىكىنى باشقۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ زور كۆلەملىك كېۋەزلىكلەرنى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق باشقۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ھالبۇكى، خەۋەردە رايوندىكى پاختا-توقۇمچىلىق ساھەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەركەزلەشكەن ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ بىرى، دەپ ئەيىبلىنىپ، غەربتىكى خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى قەدەم باسقۇچلۇق بىكار قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، 2022-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 37 مىليون 450 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلغان بولۇپ، بۇ شۇ يىلى خىتايدىكى ئومۇمى كېۋەزلىك كۆلىمىنىڭ 83. 2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. خەۋەردە، 2022-يىلى رايوندا 5 مىليون 391 مىڭ توننا پاختا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، بۇ شۇ يىلى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئومۇمى پاىا مەھسۇلاتىنىڭ 90. 2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
