سام بروۋېنبېك: «خىتاينىڭ شىنجاڭدا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشى كېلەچەكتىكى باستۇرۇشنىڭ ئىشارىتىدۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋېنبېك خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سۈنئىي ئەقىل ۋە د ن ئا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىنىڭ كېلەچەكتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى بىر جىددىي سىگنال ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بروۋېنبېك بۇ سۆزلەرنى ياپونىيە «نىككېي» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن.

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ «زامانىۋى دەۋردىكى بىر تراگېدىيە ۋە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئىنسانلارنى نازارەت قىلىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر سىستېما قۇرغانلىقى، پۈتۈن خەلقنىڭ د ن ئا ئۈلگىسىنى توپلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەيدىغان بىر ئىجتىمائىي كرىدىت سىستېمىسى بەرپا قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ سىستېما سەۋەبلىك خىتاي كەلگۈسىدە چەتكە قېقىلغان تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر توپىنى پەيدا قىلىدىكەن.

سام بروۋېنبېك ئىجتىمائىي كرىدىتى ناچار كىشىلەرنىڭ بەزى جايلارغا سەپەر قىلالمايدىغانلىقى، بەزى ئىشلارغا ئورۇنلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ سىستېما شۇ كىشىلەرنى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلەرگە قاتنىشالماي چەتتە قېلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قولىدا غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكى بارلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ كىشىلەرنى دەرھال قويۇۋېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بروۋېنبېك يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ شىركەتلەر «ھەر ۋاقىت كۈنتەرتىپنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان» بولۇپ، «ھەر خىل ئېھتىماللىق مەۋجۇت» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت