خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سۈنئىي ھەمراھغا قارشى لازىر نۇرىلىق مۇداپىيە بازىسى قۇرغانلىقى ئاشكارىلانماقتا

رۇسىيەنىڭ «سپۇتنىك» خەۋەر تورىدا مەلۇم قىلىنىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا سۈنئىي ھەمراھغا قارشى لازىر نۇرىلىق مۇداپىيە بازىسى تەسىس قىلغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سۈنئىي ھەمراھغا قارشى لازىر نۇرىلىق مۇداپىيە بازىسى تەسىس قىلغانلىقى ھىندىستانلىق پېنسىيەدىكى ھەربىي مۇتەخەسسىس ۋىياناك بات تەرىپىدىن بايقالغان. ۋىياناكنىڭ سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىشى ۋە سۈرەتلىرى ئۈستىدىكى ئانالىزىغا ئاساسەن بايقىشىچە، مەزكۇر بازا ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىن 233 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى بىر ئورۇنغا جايلاشقان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈنئىي ھەمراھتىن كۆزىتىشنى سۇسلاشتۇرۇش، توسۇپ قويۇش ۋە ھەتتا بۇزۇۋېتىش رولىنى ئوينىيالايدىغان مەزكۇر لازىر نۇرىلىق مۇداپىيە بازىسى 4 بىنادىن تەشكىللەنگەن. خەۋەردە يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى ئايچە بۇرۇن ئامېرىكا ھەربىي ئىستىغباراتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا خىتاينىڭ 2020‏-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر تۆۋەن ئوربىتالىق ئالەم كۆزىتىشىگە قارشى قۇرۇقلۇقتا لازىر نۇرىلىق مۇداپىيە قۇراللىرى بازىسى قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردىكى بەزى تەپسىلاتلاردىن مەزكۇر بازىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تاشقىي دۇنيا تەرىپىدىن كۆزىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىق مەلۇم. ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ئاخبارات يولى بىلەن ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن بەزى كۆزەتكۈچىلەر سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىشىدىن پايدىلانغان. كانادالىق ئوقۇقۇچى شاۋىن جاڭ سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىشى ئارقىلىق بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ ئېنىق ئورىنىنى تېپىپ چىققان ئىدى. خىتايمۇ دەسلەپتە مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان مەزكۇر لاگېرلارنى ئاخىرى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.