د ئۇ ق: «خىتاينىڭ قۇربان ھېيتتا سۈنئىي تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى ئالدامچىلىقتۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە پۇقرالارنى ناغرا-سۇناي چېلىش، ساما ئويناشتەك پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇربان ھېيتنى» خۇشال-خۇرام «كۈتۈۋېلىشقا تەشكىللىگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قۇربان ھېيتنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالغانلىقى» دەپ كەڭ خەۋەر قىلىندى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، بۇ پائالىيەتلەر 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانى ئالداش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتى ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت 12‏-ئاۋغۇست كۈنى رادىيومىزدا خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قۇربان ھېيت ھەققىدىكى خەۋەرلىرىگە رەددىيە بېرىپ، بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېلىپ بارمىغانلىقى، بۇ پائالىيەتلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي تەشكىللىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دىلشات رىشىتنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا جايلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، قۇربان ھېيتتا مۇسۇلمانلارنىڭ كوللېكتىپ ھېيتلىشىنى چەكلىگەن ئىكەن. ئۇ ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قۇربان ھېيت ئالدىدا چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشىدا ھېيت پەتىسى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بىنا باشقۇرۇش ھەيئىتىگە تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىلقى قۇربان ھېيت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كەڭ كۆلەملىك قامىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۈن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ۋاقىتتا يېتىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلەردە، قەشقەر خەلقىنىڭ ھېيتگاھ مەيدانىدا ناغرا-سۇناي چېلىپ، ساما ئۇسسۇلى ئوينىغانلىقى شۇنداقلا خوتەن، چەرچەن، شايار، جىمىسار، ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ، «تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى قاينام-تاشقىنلىق بايرام كەيپىياتى قاپلىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن ھېچبىر خەۋەردە بىرەر مۇسۇلماننىڭ قوي سويۇپ، قۇربانلىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت