«شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى» ناملىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ كانادا دىپلوماتىيە-كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى يېقىندا رەسمىي ئېچىلغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، تورونتو شەھىرىنىڭ دونداس رايونىدا ئېچىلغان ئىشخانا 1-ماي رەسمىي ئىش باشلىغان.
ئۇ باياناتىدا، ئىشخانىنىڭ خىزمىتى «بېسىۋېلىنغان زېمىن مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ۋەتەندىن چىقىپ كېتىشىنى ب د ت دىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەرز سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا خەلقى ۋە خەلقئارا جامائەتكە تونۇتۇپ مېڭىش» دەپ كۆرسەتكەن.
باياناتتا، دىپلوماتىيە-كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ بۇ مەسىلىلەردىن باشقا «ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى، پاناھلىق تىلەش مەسىلىسى، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە تىل-ئەدەبىيات بايلىقىمىزنى ساقلاش قاتارلىق كونكرېت خىزمەتلەر» نى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا، «داۋايىمىز ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز» دەپ تەكىتلەپ، «مۈرىنى -مۈرىگە تىرەپ، بىر سەپ، بىر نىيەتتە خىتاينىڭ بىزنى پارچىلاش خام خىيالىغا ئەمەلىي ئۆملۈكىمىز بىلەن جاۋاب قىلىشقا ئۈندەيمىز» دېگەن.
مەزكۇر ئىشخانا ئۆتكەن يىلى كانادادا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئىدى.
