سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى دونالد ترامپنى تىبەت-خىتاي سۆھبىتىنى قوللاشقا چاقىردى
2017.02.14
سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاي ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تىبەت-خىتاي سۆھبىتىنى قوللاشقا چاقىردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لوبساڭ ساڭگاي دۈشەنبە كۈنى ياپونىيەدە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، تىبەت-خىتاي دىئالوگىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە تىبەتلىكلەرنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدىنىڭ زورلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ئىلگىرىكى ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ «بىر جۇڭگو» سىياسىتىنى قوللاش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن دىئالوگنىڭ شەرتلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ تەلەپكە يېقىن كەلمىگەن ئىدى.
لوبساڭ ساڭگاي سۆزىدە، ئىككى تەرەپ دىئالوگىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىنى داۋام قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ «بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى زور رول ئوينايدۇ» دېگەن.