تەيۋەن ئارمىيەسى «قامالنى بۇزۇش» مانېۋىرىغا جىددىي تەييارلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.04.26

25-ئاپرېل كۈنى تەيۋەن ئارمىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان يېقىنقى ھەربىي مانېۋىرغا قارشى مانېۋىر ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «توسقۇنلۇق ۋە قامالنى بۆسۈپ تاشلاش» ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھال تەيۋەن ئارمىيەسى قاتنىشىش ئالدىدىكى مانېۋىرنىڭ مەركىزىي تېمىسى بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتىدە تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا «دەللىك ۋە قامال قىلىش» نى مەركىزىي تېما قىلغان ئۈچ كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى كېۋىن ماككارتىي بىلەن لوس ئانجېلېس شەھىرىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. 15-مايدا باشلىنىدىغان بۇ مانېۋىردا تەيۋەن ئارمىيەسى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى ھاسىل قىلىدىغان توسقۇنلۇقنى بۇزۇپ تاشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا گېنېرال لىن ۋېنخۇاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئەلۋەتتە بىزنىڭ مانېۋىرىمىز تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلماقچى بولغان كوممۇنىستلار پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇشنى كۆزلەيدۇ» دېگەن.

تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەي مىڭيېن ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا تەييارلىنىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم قەدەم سۈپىتىدە تەيۋەننىڭ «بەش كۆز» ئىستىخبارات سىستېمىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ بولغانلىقىنى، شۇڭا تەيۋەن ھەربىي تەرەپنىڭ بارلىق كومپيۇتېر سىستېمىسى ھەرقاچان «بەش كۆز» سىستېمىسى بىلەن ئۇلاغلىق ھالدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «بەش كۆز ئىستىخبارات سىستېمىسى» ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىخبارات تورى بولۇپ، ھەربىي ئىشلار ساھەسى بۇنىڭدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن سانىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.