تەيۋەندە تۇنجى ئايال پرېزىدېنت سايلاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


شەنبە كۈنى تەيۋەندىكى پرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسىدە، دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان نامزات، دوكتور سەي يىڭۋېن 60% ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىپ، تەيۋەن تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى.

بۇنىڭ بىلەن تەيۋەننى 8 يىلدىن بۇيان ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان گومىنداڭ پارتىيەسى سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ، دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيەسىنىڭ قايتىدىن تەيۋەننى ئىدارە قىلىش سەھىپىسى ئېچىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، سەي يىڭۋېننىڭ رىقابەتچىسى گومىنداڭ پارتىيەسىدىن جۇ لىلۈن بولۇپ، ئۇ سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جون كىربى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ دوكتور سەي يىڭۋېننى تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىدىكى غەلىبىسى بىلەن تەبىرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەي يىڭۋېن سايلام غەلىبىسى ھەققىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ دېموكرارتىيە تۈزۈمىز، دۆلەت كىملىك چۈشەنچىمىز ۋە خەلقارا ئاتموسفېرايىمىز چوقۇم تولۇق ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك، ھەر قانداق بېسىم ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» دېگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى ميلېس كاگگانس ئاق ساراينىڭ سەي يىڭۋېننىڭ غەلىبىسىنى تەبىرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «< بىز تەيۋەن خەلقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك دېموكراتىيە تۈزۈم كۈچىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز. بىز تەيۋەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىكى ئورتاق مەنپەئەتىمىزنى قوغداينىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت