تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسى تەھدىتىدىن كېيىن، مۇستەبىتلىكنى «رەزىللىك» دېگەن
2024.06.24
تەيۋەننىڭ يېقىندا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې، خىتاينىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان «ئەشەددىي بۆلگۈنچى» لەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن تەھدىت سېلىشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دېموكراتىيەنىڭ جىنايەت ئەمەسلىكى، مۇستەبىتلىكنىڭ ھەقىقىي «رەزىللىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەندە قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى، خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار 21-ئىيۇن كۈنى يېڭى قانۇن بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىپ، تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى ۋە «ئەشەددىي بۆلگۈنچى» لەرنى ئۆلۈم جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ قاتتىق جازا بىلەن جازالايدىغانلىقى توغرىلىق تەھدىتلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې 24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان يىغىنىدا خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەن خەلقىنى جازالاش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
لەي چىڭدې مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، دېموكراتىيە جىنايەت ئەمەس، بەلكى مۇستەبىتلىك ھەقىقىي رەزىللىكتۇر. خىتاينىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ تۇتقان يولى ۋە مەيدانى سەۋەبلىك ئۇلارنى جازالاش ھوقۇقى يوق. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۆز چېگراسىدىن ھالقىپ تەيۋەن خەلقىنىڭ نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا مۇداخىلە ھەققى تېخىمۇ يوق.» پىرېزىدېنت لەي چىڭدېنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي «بىرلىككە كېلىش» نى خالىمايدىغان ھەرقانداق كىشىنى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنىڭ قوللىغۇسى، دەپ قارىماقتا ئىكەن. بېيجىڭنىڭ تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بىلەن تەھدىت سېلىشى، خىتاي تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىگە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىشلەتكەن قاتتىققول باستۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتەمدۇ-قانداق، دېگەن سوئال پەيدا قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئۇلارنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. خىتاي قانۇنىدا «بۆلگۈنچىلىك» ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئېغىر جىنايەت، دەپ ھېسابلانماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لەي چىڭدې سۆزىدە «كوممۇنىست خىتاينى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن يۈزلىشىشكە؛ تەيۋەننىڭ دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغان قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ۋە دىيالوگ قۇرۇشقا چاقىرىمەن» دېگەن. تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى تەيۋەنگە ھەربىي تەھدىت سېلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.