ئامېرىكا خىتاينىڭ «تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنى جازالاش» يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى

خىتاينىڭ ئۆتكەن ھەپتە يېڭى قانۇن بەلگىلىمىسى چىقىرىپ، ئاتالمىش «چېكىدىن ئاشقان تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى» نى ئۆلۈم جازاسى بىلەن تەھدىت سېلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى «چوڭقۇر ئەندىشىسى» گە سالغان. ئالىي دەرىجىلىك ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئېغىر سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلىرى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا قايتا چۈشەنچە بېرىپ، «تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى» نى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ يېڭى رامكىسىنى بېكىتكەن. ئاتالمىش «چېكىدىن ئاشقان تەيۋەن بۆلگۈنچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دانىئېل كرىتېنبرىنك(Daniel Kritenbrink ) 27-ئىيۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان تارماق كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە، خىتاينىڭ دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەتلىرىنى جازالاش تەدبىرى «مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەت» دەپ كۆرسەتكەن. بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن خىتاينىڭ، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا باستۇرماقچىمۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلغانىدى. گۇۋاھلىق يىغىنىدا دانىئېل كرىتېنبېرىنك مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ مۇقىمسىزلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرگۈچى بۇ خىل تەدبىرلەرنى ئېلىشىدىن، بولۇپمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنى چېگرا سىرتىدا كىشىنى بىئارام قىلىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە تۇيماقتىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، دانىئېل كرىتېنبرىنك 27-ئىيۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ خىتاينىڭ بۇ تەدبىرىنى تەنقىد قىلغان.