تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې 9-ئاينىڭ 1-كۈنى تەيۋەن تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئېلىشتىكى ئەسلى مەقسىتىنىڭ خىتاي زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى X دا تارقالغان بىر ۋىدىيودا لەي چىڭدى رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «دېموكراتىيە تەيۋەندە يىلتىز تارتىپ گۈللەندى. تەيۋەنلىكلەر بارلىققا كەلتۈرگەن دېموكراتىيەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە خىرىس دەپ قارىۋالماسلىقى كېرەك. خىتاينىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىشتىكى قەستى مەن لەي چىڭدى ياكى مەلۇم بىر پارتىيە ئەمەس، خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، ئەگەر خىتاينىڭ مەقسىتى زېمىن پۈتۈنلۈكى بولىدىغان بولسا، نېمىشقا ھازىر رۇسىيە ئاجىزلاشقان پۇرسەتتە، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ئىگىلىۋالغان زېمىننى قايتۇرۇۋالمايدۇ. خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇشىدىكى غەرىزى خەلقئارا نىزام ئاساسىدىكى دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزىنىڭ دۇنياغا ھاكىم بولۇش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دېگەن.
لەي چىڭدې يەنە تەكىتلەپ: «خىتاي ئەگەر تەيۋەننىلا ئېلىشنى كۆزلىگەن بولسا، جەنۇبى دېڭىزدا ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلىپ نېمە قىلىدۇ، رۇسىيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ نېمە قىلىدۇ، شۇڭا خىتاينىڭ غەرىزى ناھايىتى ئېنىق» دېگەن.
2022-يىل 9-ئايدا ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى داۋىد كوھىن (David Cohen) شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە 2027-يىلدىن ئاۋۋال تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.