تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن خىتاينىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باشقا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 29 - سېنتەبىر كەچقۇرۇن «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى» دىكىلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باشقا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 29 - سېنتەبىر كەچقۇرۇن «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى» دىكىلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باشقا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەي يىڭۋېن ئوچۇق مەكتۇپتا ئىنتايىن قاتتىق ئاھاڭ بىلەن مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆزىمىزنىڭ بەزى قىممەت قاراشلىرىمىزدا چوقۇم چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدىن كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىم ۋە ئۇلارغا بولغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېقىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تەيۋەن ئۆزىنىڭ ساغلام ۋە نورمال بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك!»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «قىيىنچىلىق ئىچىدە تىركىشىۋاتقان تەيۋەندە خەلق ھازىر جاسارەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق بىر رەھبەرگە مۇھتاج بولماقتا. تەيۋەن خەلقى مېنىڭ بۈگۈنكى قىيىن ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنى يېتەكلەپ باتۇرلارچە ئالغا قاراپ مېڭىشىمنى كۈتمەكتە. مانا بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم!»

مەلۇمكى، تەيۋەندىكى «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى» نىڭ قۇرۇلغىنىغا بۇ يىل 30 يىل تولغان بولۇپ، سەي يىڭۋېن پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان تەيۋەندە كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق خاھىشىغا نىسبەتەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىدىن كېلىۋاتقان بېسىم ھەسسىلەپ ئاشماقتىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org