پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن: خىتاي خاتا ئۈمىدتە بولمىسۇن، تەيۋەن بېسىمغا باش ئەگمەيدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-10-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ۋال سترېت ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن خىتاي دائىرىلىرىنى تەيۋەننى بېسىمغا باش ئېگىدۇ دەپ خاتا چۈشەنچە ۋە ئۈمىدتە بولماسلىققا چاقىرغان. ۋال سترېتنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، سەي يىڭۋېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەننى خەلقئارا سەھنىدىن سىقىپ چىقىرىش ئۇرۇنۇشىنى كۈچلەندۈرگەن. خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى خەلقارالىق يىغىندا تەيۋەنگە ئورۇن بەرمىگەنلىكى ۋە يېقىندا يەنە تەيۋەننىڭ خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتىغا قېتىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن سەي يىڭۋېن، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تەيۋەندە ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەيۋەن تەرەپكە تېڭىۋاتقان بىر جۇڭگو پرىنسىپىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سەي يىڭۋېن بۈگۈنكى سۆزىدە يەنە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ بۇ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئالدىنقى شەرت قوشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت