تاجىكىستانلىق ئۆكتىچى كۇۋاتوف ئىستانبۇلدا ئۆلتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.03.06

تاجىكىستانلىق تىجارەتچى ۋە سىياسىي ئۆكتىچى ئۇمەرئەلى كۇۋاتوف پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە ئىستانبۇلنىڭ فاتىخ رايونىدىكى كوچىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. تۈركىيە ئاخباراتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇمەرئەلى كۇۋاتوف ئاغىنىسى بىلەن فاتىخدىكى بىر رېستوراندا كەچلىك تاماق يەپ قايتقاندا مېڭىسىگە ئوق تېگىپ ئۆلگەن.

كۇۋاتوف بۇرۇن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئېلى راخمانوفنىڭ يېقىن ئادىمى ئىدى. بىراق ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى 2012‏-يىلى بۇزۇلغان. ئۇ شۇ يىلى تۈركىيەگە قېچىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى «24 لەر گۇرۇھى» ناملىق ئۆكتىچى گۇرۇھ تەشكىل قىلغان. بىراق بۇ گۇرۇھ تور پائالىيىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان تارقاق تەشكىلات ئىدى.

كۇۋاتوفنىڭ كىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تېخى مەلۇم ئەمەس. تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ ئاغىنىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن تۈركىيە دوغان ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تاجىكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1‏-ئايدا ئەنقەرەدىن كۇۋاتوفنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىستانبۇل ساقچىلىرى كۇۋاتوفنى تۇتقۇن قىلىپ كېيىنرەك قويۇپ بەرگەن ئىدى.

كۇۋاتوفنىڭ ئۆلۈمى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى تاجىكىستان پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پرېزىدېنت ئىمام ئېلى راخمانوفنىڭ پارتىيەسى يەنە پارلامېنتتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن.

ئۇمەرئەلى كۇۋاتوف چارشەنبە كۈنى «ئاسىيا-پلۇس» ناملىق مۇستەقىل تاجىك ئاخبارات تورىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، تاجىكىستان سايلىمىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، تاجىكىستان خەلقى تاللاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى، دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.