خىتاينىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشتا قىينالغان تاجىكىستان، ئالتۇن كان ۋە زېمىنلىرىنى قەرز ئورنىدا بېرىشكە مەجبۇر بولغان

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان خىتايدىن كۆپلەپ قەرز ئېلىپ كەلگەن تاجىكىستان، نۆۋەتتە قەرز قىلتىقىغا چۈشۈپ قالغان. 21-ئىيۇل كۈنى «ياۋرو-ئاسىيا تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشتا قىينىلىۋاتقان تاجىكىستان، ئۆزىنىڭ ئالتۇن كانلىرى ۋە زېمىنلىرىنى خىتايغا كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر بولماقتىكەن. ماقالىدا، تاجىكىستاننىڭ 2022-يىلىنى باشلىرى خەلقئارادىن ئالغان قەرزىنىڭ 3 مىليارد 300 مىليون ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بىر مىليارد 980 مىليون دوللىرى، يەنى بۇنىڭ 60 پىرسەنتىنىڭ خىتاي ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسىدىن ئېلىنغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، يېقىندىن بېرى سىرىلانكىنىڭ خىتايدىن ئالغان قەرزى خەلقئارا تېمىغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتايدىن ئالغان قەرزى ئاران 10 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن. ماقالىدا، تاجىكىستاننىڭ 2021-يىلى 131 مىليون 900 مىڭ دوللار قەرز تۆلىگەنلىكى، لېكىن بۇنىڭ 65 مىليون 200 مىڭ دوللىرى خىتايغا كەتكەنلىكى، بۇ پۇلنىڭ 22 مىليون دوللىرىنى پەقەت ئۆسۈم ئۈچۈنلا تۆلىگەنلىكىى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئاساسەن تاجىكىستاننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قەرز بەرگەن. بۇ ئۇل ئەسلىھەلەرگە كېتىدىغان ئىشچى، ماتېرىيال، تېخنىكا ھەممىسىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان بولۇپ، نەتىجىدە قەرزنىڭ يەنىلا خىتايغا قايتىپ كېلىدىكەن.

ماقالىدا، قەرز پۇلنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن تاجىكىستاننىڭ يۇقىرى قۇمارگ ۋە شەرقىي دوبا ئالتۇن كانلىرىنى خىتايغا گۆرۈگە قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى، تاجىكىستاننىڭ يەنە قەشقەردىكى «شىنيۈ دادى كانچىلىق شىركىتى» گە تاجىكىستاندىكى كۈمۈش زاپىسى مول بىر تاغلىق رايونىدا كان ئېچىش ھوقۇقى بېرىپ، 7 يىلغىچە باج كەچۈرۈم قىلغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.

«خىتاي قەرزىنىڭ بەدىلى: تاجىكىستان قەرز تۆلەشتە خىتايغا يەنە نېمىلەرنى بېرىشكە تەييار» ماۋزۇلۇق ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، تاجىكىستاننىڭ زېمىنى 2011-يىلدىن بېرى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن بولۇپ، 2011-يىلى بىر مىڭ بىر يۈز كۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىننى خىتايغا كېسىپ بەرگەن تاجىكىستاننىڭ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە 600 كۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىنى ئازىيىپ كەتكەن. ماقالىدا، 600 كۋادرات كىلومېتىرلىق بۇ زېمىننىڭ نەگە يوقالغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا خىتاينىڭ ئېرىشىشىنىڭ كۈچلۈك ئېھتىماللىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.