خىتاينىڭ تاجىكىستاندا قېزىۋاتقان ئالتۇن كان زاپىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-06-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەبلەغ سېلىپ ئاچقان تاجىكىستاندىكى پوخرۇد ئالتۇن كېنى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغان.

تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمامئەلى راخمان قاتناشقان پوخرۇد ئالتۇن كېنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئالدىنقى كۈنى تاجىكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە كۆرسىتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ كانغا جەمئىي 256 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان بولۇپ، مەزكۇر ئالتۇن كان دەسلەپتە يىلىغا 1.3 توننا، كېيىنچە يىلىغا 2 توننىدىن ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

خىتاينىڭ زىجىن كانچىلىق گۇرۇھى يەنە تاجىكىستاننىڭ شىمالىدىكى زەرەپشان ۋادىسىدا بىرقانچە ئالتۇن كانلىرىنى ئاچقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يىللىق ئالتۇن مەھسۇلاتى 5 توننىدىن ئاشىدىغان كانلارنىڭ بارلىقى مەلۇم.

تاجىكىستان ئىچكى قۇرۇقلۇققا سولىنىپ قالغان تاغلىق دۆلەت بولۇپ، 1991-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تاكى ھازىرغىچە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمىغان. چەتئەل مەبلىغى كەم بولغان بۇ دۆلەتتە يېقىندىن بۇيان خىتاي كان شىركەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ ئالتۇن كانلىرىنى ئېچىشى رۇسىيە، ھىندىستان ۋە ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت