خىتاي تاجىكىستان ئۈچۈن چېگرا قاراۋۇلخانىسى ۋە ھەربىي مەشىق ئورنى ياساپ بېرىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي بىلەن تاجىكىستان ھۆكۈمەتلىرى تاجىكىستان تەرەپنىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان چېگراسىنى قوغدىشىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە ھازىرلانغان.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم لايىھىسى تاجىكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، كېلىشىم بويىچە، خىتاي تەرەپ تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان چېگرا نۇقتىسىدا تۆت چېگرا قاراۋۇلخانىسى ۋە مەشىق ئورۇنلىرىغا ئىگە ھەربىي مەشىق قىلىش مەركىزى قۇرۇپ بېرىدىكەن. بۇ يەرگە يەنە مەخسۇس تۇرالغۇ بىنا، مەمۇرىيەت بىناسى ۋە باشقىلارنىمۇ قۇرۇلىدىكەن ھەم خىتاي تەرەپ بۇ ئورۇنلارنى ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەزكۇر قۇرۇلۇش لايىھىلىرىنى ئىشلەپ چىقىشنى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى زىممىسىگە ئالىدىكەن.

تاجىكىستان تەرەپ بولسا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي تەرەپ قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق باج، تاموژنا بېجى ۋە باشقا چىقىملاردىن خالى قىلىنىدىكەن.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە ئۇيغۇر دىيارى تۇتىشىدىغان پامىر رايونى خىتاي ئۈچۈن ئەڭ سەزگۈر رايون ھېسابلىنىدۇ.

پەرغانە ئۇچۇر تورىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، خىتاي تاجىكىستاننىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەبلەغ سالغۇچى شېرىكىگە ئايلانغان بولۇپ، تاجىكىستان خىتايغا كۆپ مىقداردا قەرزگە بوغۇلغان، تاجىكىستاننىڭ ئومۇمىي قەرز مىقدارى بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئىكەن.

خىتاي نۆۋەتتە تاجىكىستاننىڭ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقا خېلى كوپ قۇرۇلۇش ساھەسىگە مەبلەغ سالغان ۋە بىر قىسىم زاۋۇت-فابرىكىلارنى قۇرۇشقا كىرىشكەن.

تاجىكىستان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ تاجىكىستانغا 2018-يىلىغىچە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر رايونى بىلەن مەركىزى ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان مەركىزى ئاسىيا-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ تاجىكىستاندىكى 400 كىلومېتىرلىق قىسمىنى ياشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت