تالىبان ھۆكۈمىتى لىتيۇم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان خىتايلارنى قولغا ئالدى

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتى ئىككى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشىنى لىتيۇم (lithium) ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەپ رەسمىي قولغا ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بەش كىشى شېرىكلىشىپ مىڭ توننا چامىسىدىكى لىتيۇملۇق رۇدا تاشنى ئافغانىستاندىن خىتايغا توشۇپ كەتمەكچى بولغاندا شەرقىي چېگرادىكى جالالئاباد شەھىرىدە تۇتۇلۇپ قالغان. تالىبان ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ بەشەيلەن مەخپىي ھالدا بۇ رۇدا تاشلارنى ئاۋۋال پاكىستانغا، ئاندىن خىتايغا يۆتكەپ كەتمەكچى بولغان. تالىبان ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئاۋغۇستتا بۇ خىلدىكى رودا تاشلارنى قېزىش ۋە سېتىشنى مەنئى قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق ئېلان قىلغانىكەن.

ھىندىستاندا چىقىدىغان «ئانى خەۋەرلىرى» بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ قېتىمقى ئەتكەسچىلىك ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ‹دوستلۇقى›نىڭ كەينىگە نېمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى» دېگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىتيۇم قاتارلىق رودا تاشلار ئافغانىستاندىكى كان بايلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئافغانىستان تەۋەسىدىكى كەم تېپىلىدىغان رۇدا تاشلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنى بىر ترىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، دەپ باھالىغان. لىتيۇم ئادەتتە قايتا زەرەتلەشكە بولىدىغان باتارىيەلەرنىڭ يادرولۇق خام ئەشياسى بولۇپ، 2022-يىلى خىتاي ئىشلەپچىقارغان مۇشۇ خىلدىكى باتارىيەلەر دۇنيا باتارېيە بازىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.