تالىبان: «خىتاي بىزنىڭ يول خېتىمىز»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.09.02

تالىبانلار ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئېلان قىلغان. يېڭىدىن قۇرۇلغان تالىبانلار ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 2-سېنتەبىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر بېرىپ، پات يېقىندا كابۇلدىكى پرېزىدېنت مەھكىمىسىدە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن تالىبانلار ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

«گىرمانىيە ئاۋازى» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئافغانىستان ئىقتىسادىي جەھەتتىن جىددىي ياردەمگە مۇھتاج بولماقتىكەن. شۇ سەۋەبتىن تالىبانلار خىتاينىڭ ئافغانىستانغا مەبلەغ سېلىشنى تولىمۇ ئۈمد قىلىدىكەن.

تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى سەبىئۇللا مۇجاھىد ئىتالىيە «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىز. خىتاي دۆلىتىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتا بىزگە مەبلەغ سېلىشنى خالايدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى پۇرسەت». ئۇ يەنە تالىبانلارنىڭ خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئافغانىستاندا مىس زاپىسى ئىتايىن مول. بىز خىتاينىڭ ياردەمى ۋە مەبلەغ سېلىشى بىلەن بىلەن يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قىزىپ چىقىرىپ بازارغا يۈزلەندۈرىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي بىزنىڭ دۇنيا بازىرىغا كىرىشتىكى يول خېتىمىزدۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.