تالىبانلار باياناتچىسى: «ش ت ئى ھ نىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-10
Share

ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى سۇھەيىل شاھىن «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نىڭ نۇرغۇن ئەزلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلغانلىقى، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرقانداق جايدا تۇرۇشىغا يول قويۇلمايغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۇھەيىل شاھىن بۇ سۆزلەرنى 8-سېنتەبىر خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىگە ئېيتقان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تالىبانلارنىڭ ئۇيغۇر قوراللىقلىرىغا ئافغانىستاندا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۇھەيىل شاھىن 8-سېنتەبىر ئ‍افغانىستانغا قوشنا پاكىستان، تاجىكىستان، ئىران، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئېكران يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىندا خىتاي تاشقىي ئ‍ىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئ‍افغانىستانغا 31 مىليون دوللارلىق ياردەم بۇيۇمى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈنى «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى. چۈنكى تالىبان ئۇلارنى قەتئىي ئاگاھلاندۇرغان، قېلىپ قالغانلىرىدىن ھەرقانداق بىرسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرقانداق بىر جايدا تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.»

لېكىن ئامېرىكادىكى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژورنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تالىبانغا ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر پەيتتە، «تۈركسىتان ئىسلام پارتىيەسى» بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پۇرسىتى» دەپ قارىماقتا ئىكەن.

«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژورنىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نىڭ بىر باياناتچىسى «ئامېرىكا كۈچلۈك دۆلەت، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئىستراتېگىيەسى بار، بىز بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراپ ئافغانىستاندىكى بۇ ئۇرۇشتىن چېكىنىشىنى دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە دىنلارنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتايغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر پۇرسىتى، دەپ قارايمىز،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت