تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز شەھىرىدىكى بىر شىئە مەسچىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمىنى «ئافغان» دائىشچىنىڭ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ يىل 15-ئۆكتەبىر كۈنى قۇندۇز شەھىرىدىكى بىر شىئە مەسچىتى جۈمە نامىزىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 50 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن دائىشنىڭ خۇراسان تەشكىلاتى ئىنتايىن غەيرىي رەۋىشتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمغا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى، ھۇجۇمنىڭ بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرلغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۈممەتچىلىكنى پرىنسىپ قىلغان ۋە ھېچقاچان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا تېررورچىنىڭ مىللىتىنى تىلغا ئالمايدىغان دائىشنىڭ بۇ قېتىم ھۇجۇمچىنىڭ مىللىتىنى ئالايىتەن ئېلان قىلىشى، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى سىياسىيونلار دائىشچى ئۇيغۇرنىڭ سۈرىيەدىن ئافغانىستانغا بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. بىراق «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، تالىبانلارنىڭ ئاخبارات ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى زەبىھۇللا مۇجاھىت، ھۇجۇمچىنىڭ «ئافغان» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
زەبىھۇللا مۇجاھىت «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ بىر قېتىملىق زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇخبىرنىڭ «قۇندۇزدا ئۆزىنى پارتلاتقان ئادەم ئۇيغۇر ئىدى. خىتاي سىلەرگە ئەندىشىسىنى بىلدۈردىمۇ؟ ھۇجۇمدىن كېيىن خىتاي سىلەرگە نېمە، دېدى» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
ئۇ، «بىز بۇ مەسىلىدە ھېچبىر دۆلەت بىلەن سۆزلەشمىدۇق. دائىش جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئافغانلار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەللىك يوق» دېگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشى خەلقئارانىڭ بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان شۇنداقلا تالىبان خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، دائىشنىڭ پارتلىتىشنى «ئۇيغۇر ئېلىپ باردى» دېيىشى دىققەت قوزغىغانىدى.